ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى يولدىن بىر يارىلانغان تۈلكىنى تېپىۋالدى
يوللىغۇچى:[ياقۇپجان مۇھەممەتنىياز] يوللانغان ۋاقتى:[2012-2-5] مەنبە:[news.iyaxin.com]



ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى : 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەر سائەت تۆتلەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ماجۈنلىن دوستى بىلەن ماشىنا ھەيدەپ دۆلەت تاشيولنىڭ 216 - بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كۆكتوقاي ناھىيىسى ئەتراپىغا يېقىن قالغاندا يولدىن بىر يارىلانغان تۈلكىنى تېپىۋالغان .

 


 

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بەخت گۈللۈكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئۆي ئىجارە ئالغان ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە ، ئىشكاپنى ئۇۋا قىلغان بۇ تۈلكە قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا .

 



 

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بەخت گۈللۈكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئۆي ئىجارە ئالغان ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە ، ئىشكاپنى ئۇۋا قىلغان بۇ تۈلكە قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا .

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھرى داۋەن شىمالى يولىغا جايلاشقان بەخت گۈللۈكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايوندىكى ماجۈنلىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۇ يارىلانغان تۈلكىنى كۆرگەن . بۇ تۈلكىنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ ، ئارقا سول پۇتى يارىلانغانىكەن .
ماجۈنلىن مۇخبىرغا 2 - فېۋرال سەھەر سائەت تۆتلەردە ئۇ دوستى لى گاڭ بىلەن ماشىنا ھەيدەپ 216 - دۆلەت تاشيولىدىن ئۆتۈپ كۆكتوقاي ناھىيىسىگە يېقىنلاشقاندا بۇ تۈلكىنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتقانلىقىنى ، پۇتلىرىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن . باشقىلارنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى سەزگەن تۈلكە  پۈتۈن كۈچىنى ئالدى پۇتىغا يىغىپ ئالدى تەرەپكە قاراپ قوزغىلىشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان .
< بىز ئۇنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشىدىن ياكى بولمىسا  قىشتا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدۇق > دېدى لى گاڭ .
شۇ كۈنى مۇخبىر بۇ تۈلكىنى رەسىمگە تارتىپ ، ئۇنىڭ رەسىمىنى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق شىنجاڭ يېزا - ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋاناتلار ئىلمى ئىنستىتۇتىدىكى مۇئاۋىن پروفېسسور شى لېيغا ئەۋەتىپ بەرگەن . شى لېي بۇ تۈلكىنىڭ قۇملۇق تۈلكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن . قۇملۇق تۈلكىسى بولسا شىنجاڭدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ئىكەن .
مۇخبىر شىنجاڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش مەركىزىگە تېلېفون بېرىپ ئالاقىلەشكەندە ، شۇ مەركەزدىكى بىر خىزمەتچى خادىم مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ ئامال بار نەق مەيدانغا تىز بېرىپ بۇ يارىلانغان تۈلكىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

,
 
[ئالدىنقى بەت]_[كىيىنكى بەت ]  ھۆججەت جەمئى 2457 خەت 20000000خەت/بەت جەمئى 1بەت بۇ[ 1 ]- بەت تاللاش? 1 

[بۇ بەتنى تاقاش ]     [ئۈستىگە قايتىش]