ھەر قايسى دۆلەتلەر سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرۇلۇق جىددىي سۆھبەتلەشتى
يوللىغۇچى:[مۇھەممەتجان قۇربان] يوللانغان ۋاقتى:[2012-2-23] مەنبە:[gb.cri.cn]



ھەر قايسى دۆلەتلەر سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرۇلۇق جىددىي سۆھبەتلەشتى


  شىنخۇا تورى موسكىۋا 22- فېۋرال تېلېگراممىسى، روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدىۋ 22- فېۋرال ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەد.نىجاد بىلەن سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفوندا سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىردەك سۈرىيە تاشقى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  روسىيە زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، مېدۋېدىۋ بىلەن ئەھمەد.نىجاد بۇ سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ سىرتتىن ئارىلىشىش ئارقىلىق ئەمەس بەلكى تىنىچ يول بىلەن سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى توختىتىشىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، شەرتسىز ھالدا قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك سىياسىي سۆھبەتنى باشلىغان.

   روسسىيە - ئىران ئىككى تەرەپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولسا سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چۈنكى بۇ خىل ۋەزىيەت پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. ئىككى تەرەپ، خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇشلارنى توختىتىپ، بۇ دۆلەتنىڭ تىنچ مۇقىملىقىنى بالدرۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك دەپ قارىغان.

   مېدۋېدىۋ شۇ كۈنى يەنە سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئىراق باش مېنىستىرى مالىكى، سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھى قوشۇمچە باش ۋەزىر بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.
,
 
[ئالدىنقى بەت]_[كىيىنكى بەت ]  ھۆججەت جەمئى 1449 خەت 20000000خەت/بەت جەمئى 1بەت بۇ[ 1 ]- بەت تاللاش? 1 

[بۇ بەتنى تاقاش ]     [ئۈستىگە قايتىش]