60 ياشلىق ئايالنىمۇ ھامىلىدار قىلالايدىغان ھىندىستان بوۋاقلار زاۋۇتى
يوللىغۇچى:[مۇھەممەتجان قۇربان] يوللانغان ۋاقتى:[2012-2-18] مەنبە:[news.xinhuanet.com]



 


 

 

شىنخۇا تورى بېيجىڭ 2-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى
ئامېرىكا«دىپلوماتىيە سىياسىتى»ژۇرنىلى يېقىندا «دۇنيا بوۋاقلار زاۋۇتى»دەيدىغان بىر تېمىنى ئېلان قىلغان،ھەمدە كۆپىيىش ئامبۇلاتۇرىيەسى يامراپ كەتكەن ھىندىستاندىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋاللار ھەمدە چوڭ ياشلىق ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ساغلاملىق ھەم قانۇن مەسلىلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
                                              بىرىنچى قىسىم
4يىل ئىلگىرى،Kisabai Biranjeئۇنىڭ بىرىنچى بالىسىغا ھامىلدار بولغان چاغدا،ئۇ ئۆزىنى يوشۇرۇپ يۈرمەي بولمىغان،ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە قورسىقىنى يۆگەپ سارى كىيمىنىڭ ئىچىدىن ھامىلدار بولغىننى چاندۇرماي يۈرگەن،لېكىن بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن،ئۇنىڭ قورسىقى بۇ مەخپىيەتلىكنى يوشۇرالماي قالغان.
ئانا بولۇش Kisabai Biranjeنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ھەم خۇشاللىقى،لېكىن ئۇنىڭ 60تىن ئاشقانداق ئاندىن ھامىلدار بولىشى ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى.

ئۇنىڭ قورسىقى تەدىرجىي يوغانغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ يۇرتىدىكى يەنى ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان يەردىكى كىشلەر ئۇنىڭ كەينىدىن سۆز-چۆچەك قىلىشقا باشلىغان،ھەمدە ھەيزى توختاپ كەتكەندە قانداق ھامىلدار بولغىلى بولىدۇ،تۇخۇم ئۆزىنىڭمىدۇ؟ئۇرۇق ئۇنىڭ يولدىشىنىڭمىدۇ؟چوڭ ئانا بولىدىغان مەزگىلدە ئانا بولغىنى نېمىسى؟
    قورساقتىكى بالىسى ئېلىپ كەلگەن بېسىم توختىماي ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان،ئۇ ئامالسىز 60تىن ھالقىغان يېشىنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن خەتىرىنى ئۇنۇتماي ئامال يوق،«بىز توي قىلىپ 20يىلدىن كېيىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن»دېگەن Kisabai Biranje،Kisabai Biranjeنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتى يوق لېكىن 1974-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقاندىن كېيىن تۇغۇلغانلىقىنى بىلىدىكەن.«بىز دوختۇرخانىغا،پالچىغا،رەمچىگە ھەممە يەرگە بېرىپ باقتۇق،لېكىن ھېچقايسىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى»دېگەن Kisabai Biranje.
    «كېيىن بىز بىر ئامبۇلاتورىيەنى تاپتۇق،ئۇلار ماڭا ئوخشاش چوڭ ياشتىكى ئاياللارنىمۇ ھامىلدار قىلىش ئامالى بارلىقىنى ئېيىتتى»دېدى ئۇنىڭ 68ياشقا كىرگەن يولدىشى Mahadev Biranje گەپ قىستۇرۇپ،«بىز دوختۇرغا بالا بېقىۋىلىشنى ئېيىتتۇق،ئۇلار،سىلەرنىڭ بالىلىق بولۇشۇڭلاردا ئۈمىد بار تۇرسا يەنە باشقىلارنىڭ بالىسىنى بېقىپ نېمىش قىلىسىلەر،سىلەرنىڭ بۇ يېشىڭلاردا يەنە ئۈمىد بار»دەپ ئېيىتتى دوختۇرلار دېگەن.
   بۇ ئەر-ئايال،بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش(تۇخۇمنى ئايالنىڭ تۇخۇمدىنىدىن چىقارغاندىن كېيىن،سۈنئىي ئۇسۇلدا ساغلام ئۇرۇقتىن ئۇرۇقلاندۇرۇش)مۇشۇنداق قىلغاندا چوڭ ياشلىق ئايالنىڭ تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ھەمدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولالايدىغانلىقىنى بايقىغان،ئۇنىڭ يولدىشىغان نىسبەتەن بۇ جەريان خۇددى «بىئو سائەت ئۈسكۈنىسى»گە ئولتۇرۇپ،يەنە ئىنتايىن سىرلىق ھالدا ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قايتىپ بارغاندەكلا بىر ئىش.
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،نەچچە مىڭلىغان كۆپىيىش ئەزالىرى ئامبۇلاتورىيەلىرى ھىندىستاندا شىددەت بىلەن كۆپەيگەن،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھامىلدار بولالمىغان ئەر-ئاياللار ئۈچۈن«كۆپىيىش ساياھىتى»كەسپى ھازىرلاپ بەرگەن.مانا بۇ داۋالاش كەسپىدىكى بىر دوللارلىق ماگزىن،بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇپ داۋالاش راسخوتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئاز چىقىم،بۇ خىل كۆپىيىش ئامبۇلاتورىيەلەر نۇرغۇن يەرلەرگە ئوخشاش پۈتۈن جەرياننى خۇددى ۋەھىمىلىك چۈش كۆرگەندەك ھېس قىلدۇرۇشتىن ساقلانغان،جەريانىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن ھەم قورقنۇچلۇق بولۇشىدىن ساقلانغان،مەسلەن ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش،ھورمۇن داۋالاش ۋە گامېتا ئىئانە قىلىش،قاتارلىقلار ھىندىستاندىكى گۈللەنگەن كۆپىيىشنى داۋالاش كەسىپلىرىنىڭ بىر قىسمى.ھىندىستان سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق-مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،2012-يىلى بۇ كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى شىددەت بىلەن ئىككى مىليارد ئۈچ يۈز مىلىيون دوللارغا يەتكەن. ھىندىستان قانۇن كومىتېت دوكلاتىدا «ئالتۇن كوزا»دەپ ئاتالغان بۇ ئىگىلىك دۇنيادىكى ئورنىنى باسقۇسىز بوۋاق زاۋۇتى دەپ ئاتالغان.
  كۆپىيىش ئامبولاتۇرىيەسى خەلقئارا بازارغا مۇلازىمەت قىلىپلا قالماستىن، كۆپ ھاللاردا دۆلەت ئىچى بازىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ،ھىندىستاندا كۆپىيىش ئىگىلىكى«ۋەھشىي غەربىي قىسىم»غا ئايلانغان چاغدا،بۇ خىلدىكى ئامبۇلاتورىيە شىددەت بىلەن كۆپەيگەن،لېكىن قانۇن بۇنىڭغا يېتىشەلمىگەن،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،بىر قىسىم تارماقلار ئەيبىلەشكە ئۇچرىغان--بۇنىڭ ئىچىدە،نامرات ئايالارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ ۋاكالىتەن ھامىلدار بولغۇزۇش،دورا كەسكەندە ئېتراپ قىلىنمىغان كۆپىيىش دورىلىرىنى كېسىپ بېرىش،ھەمدە تۇغۇلغان بالىلىرى يا ئانىسىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولالمىغان ياكى ھىندىستان دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولالمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ«دۆلەتسىز بوۋاق»قا ئايلىنىپ قالغان.
   نۆۋەتتە ھىندىستان ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈپ رەتكە سالماقچى بولىۋاتقان.ھىندىستان مېدىتسىنا جەمئىيتى ئاستىدىكى 12مۇتەخخەسىسىتىن تەشكىللەنگەن كومېتىت پىلانى كېلەر ئايدا پارلامېنتقا لايىھەنى تاپشۇرماقچى،بۇ لايىھەدە بارلىق كۆپىيىش ئامبۇلاتورىيەلىرى چوقۇم ھۆكۈمەتكە تىزىملىتىش لازىم دەپ تەلەپ قىلىنغان،ھەمدە ئىگە بولۇش،سېتىۋىلىش،گامېتا ساقلاش قاتارلىقلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ تۈزۈم بېكىتكەن،ھەمدە ۋاكالىتەن ھامىلدار بولغان ئاياللار ھەم بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئائىت نۇقتىلار ھەم ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئېنىق تۈزۈپ چىققان.
   لېكىن بۇ لايىھەدە ئەڭ مۇھىم بىر نەرسە تىلغا ئېلىنمىغان:ئۇ بولسىمۇ قانچە ياشقا كىرگەنلەر ھامىلدار بولالمايدۇ؟
 

2008-يىلى،شەرقىي شىمال قىسىمدىكى Haryanaدەيدىغان بىر يېزىكى 70Rajo Devi Lohan،ياشتا ھامىلدار بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ياشانغان ئانىغا ئايلانغان،بىر يېرىم يىلدىن كېيىن بۇ ئوبلاستتىكى 66ياشلىق Bhateri Deviدۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئۈچ گېزەكنىڭ ئانىسى بولغان.
  ھىندىستاندا،خۇددى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش،مېدىتسىنادا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ھامىلدار بولۇشقا پەقەت ئوتتۇرا-يۇقىرى قاتلامدىكى كىشلەرنىڭ سالاھىتى توشىدۇ،لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،يامراپ كەتكەن كۆپىيىش ئامبۇلاتورىيەلىرى تۆۋەن باھا قويۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا قاتلامدىن تۆۋەن بولغان نامرات ھەم يېشى چوڭلاپ كەتكەنلەرنىمۇ داۋالاپ ھامىلدار بولۇش ئارزۇسىنى قاندۇرىۋاتىدۇ،ھىندىستاننىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە،چوڭ ياشتا ھامىلدار بولۇش نومۇس قىلىدىغان ئىش،بايىقى سۆزلەپ ئۆتكەن ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇر،لېكىن بالىلىق بولۇش بۇ نومۇسلارنى بېسىپ چۈشكەن.
   يېرىم ئەسىردىن ئۇزاق نىكاھتىن كېيىن،مانا بۇ ئەر-ئايال بۇ خىل ئۇسۇلدا بالىلىق بولالىغان.توردا بىر تۈرلۈك يۇقىرى ياشتا ھامىلدار بولغانلار تىزىملىكى تىزىپ چىقىلغان،گىرافىكنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكىسى بولسا ئىككى قېتىم توي قىلىپ باققان 75ياشلىق قېرى ئادەم بولۇپ،بالىلىق بولغۇسى بار بولسىمۇ بولالمىغان،2007-يىلى،ئۇ 60ياشلىق ئايالىنى ئېلىپ كۆپىيىش ئامبۇلاتورىيەسى دوختۇرىغا كۆرۈنگەن ھەمدە شۇيىلى بىر قىز بىر ئوغۇللۇق بولغان،توردا يەنە ھامىلدار بولالماسلىق سەۋەبى ئېنىق ئەمەس دەپ ئېيتىلغان،لېكىن بۇ مىسالدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،بالىياتقۇسى بولسىلا ھامىلدار بولالايدىغانلىقى،باشقا ئامىل كەتمەيدىغانلىقى،ياش چەكلىمىسى ئانا بولۇش ئارزۇسىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
(داۋامى بار)

,
 
[ئالدىنقى بەت]_[كىيىنكى بەت ]  ھۆججەت جەمئى 7177 خەت 20000000خەت/بەت جەمئى 1بەت بۇ[ 1 ]- بەت تاللاش? 1 

[بۇ بەتنى تاقاش ]     [ئۈستىگە قايتىش]