ئۇلۇنىش تورى [www.ulunix.com]


برازىلىيەنىڭ توي مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ
يوللىغۇچى:[مۇھەممەتجان قۇربان] يوللانغان ۋاقتى:[2012-1-9] مەنبە:[www.msxlabs.org]




 


 برازىلىيىدە قىز -يىگىتلەر توي خېتى ئېلىشقا تىزىملاتماقچى بولسا ،تويدىن ئاۋۋالقى ئىككى ھەپتىلىك تەربىيىگە قاتنىشىدۇ.ئۇلار بۇ جەرياندا تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشنى رەتكە چۈشۈرۈش ،كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش ،ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پرىنسىپى ،نىكاھ ئەخلاقى ھەمدە جىنسىي تازىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ.ئىمتىھان ئارقىلىق لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغانلار توي خېتى ئېلىشقا تىزىملىتالايدۇ.گۇۋاھنامە ئالماي تۇرۇپ توي قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ،ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇش ،مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشلىرىمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ.بۇ دۇنيادىكى توي خېتى ئېلىشتىكى ئەڭ قاتتىق رەسمىيەت بولسا كېرەك.
    بىراق،برازىلىيىدە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا نىكاھ ئەركىنلىكى بار.جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،بىرازىلىيىكلەرنىڭ نىكاھ قارىشى ۋە مۇھەببەت قارىشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.ئۇلار شەكىل جەھەتتىن بىرلىشىشكە ئەھمىيەت بىرىپلا قالماي،ھېسسىيات جەھەتتىكى بىرلىشىشكە ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغان بولدى.《ئوڭا?تېپىشقانلار ئوڭاي ئايرىلىپ كەتمەيدۇ》دەيدىغا?قاراش مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىز -يىگىتلەرنىڭ ئېتىقادىغا ئايلاندى.ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت مۇھەببەتلەشسىمۇ ،توي  قىلىش توغرۇلۇق ئويلاشمايدىغان بولۇپ قالدى.توي  قىلىش رەسمىيىتى ئۆتىمەي بىرگە تۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى تۈز سىزىق بۇيىچە  بۇيىچە ئاشماقتا،ئۇزۇن يىل بىرگە تۇرۇپ ،ئايرىلىپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.نىكاھسىز تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا،بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر پەيدا بولدى.ئەلۋەتتە ،ئۇزۇن يىل بىرگە تۇرغانلار ئىچىدىمۇ توي قىلىش رەسمىيىتىنى قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

      برازىلىيىلىك قىز -يىگىتلەر توي قىلىشتا نەسىل-نەسەپتە بىر-بىرىگە لايىق كېلىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.شۇڭلاشقا ئوخشاش قاتلامدىكىلەرنىڭ توي قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.برازىلىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ  جىنسىي ئەركىنلىكىدە زور پەرق بار،ئۇلار قىزلارنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىغان بولۇشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ.قىزلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىدا بولىدۇ،توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان ياتلىق قىلىۋېتىدۇ.بەزى ئائىلىلەر قىزلىرىنى ياخشى باشقۇرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ،موناستىرغا ئاپىرىپ قۇيىدۇ،توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

     برازىلىيىدە توي چىقىمى ۋە توي مۇراسىمىغا ئائىت بارلىق ئىشلارنى قىز تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.بەزى باي ئائىلىلەر قىز مېلىنى مول تەييارلىغاندىن سىرت ،يەنە يېڭى ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ.يىگىتلەرنىڭ بېسىمى ئۇنچە ئېغىر ئەمەس،ئۇلار پەقەت بىر جۈپ ئۈزۈك تەييارلاپ ،چېركاۋغا بېرىپ نىكاھقا قاتناشسىلا بولىدۇ.توي قىلغاندىن كېيىن يىگىت تەرەپتە تۇرسىمۇ ،قىز تەرەپتە تۇرسىمۇ بولىدۇ.توي مۇراسىمى ئىنتايىن ئاددىي ئۆتكۈزۈلىدۇ ،برازىلىيىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دېنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا،توي مۇراسىمى چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ،مۇراسىمغا پوپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.مۇراسىم باشلىنىشتىن ئاۋۋال بېشىغا ئاق گاز ياغلىق سالغان،ئۇچىسىغا ئاق توي كۆڭلىكى كىيگەن قىز دادىسى ۋە باشقا ئەر تۇغقانلىرىنى قولتۇقلىغىنىچە ،《تو?مۇزىكىسى》غ?جور بولۇپ ،يىگىتنىڭ ئالدىغا ئاستا مېڭىپ كېلىدۇ.قىز-يىگىت بىر-بىرىگە ئۈزۈك تاقىشىدۇ…چېركاۋد?يەنە 《تو?مۇزىكىسى》ياڭرايدۇ،قى?يىگىتنىڭ ئوڭ بىلىكىدىن قولتۇقلىغىنىچە چېركاۋدىن چىقىدۇ،بۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ.

    كاتولىك دىنىنىڭ نۇرغۇن دىنىي ئادەتلىرى بار،مەسىلەن،نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ مۇقەددەس رەسمىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ،شۇڭا قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن بولىدىغانلاردىن ئاجرىشىدىغانلار بەك ئاز. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئاجرىشىشتا قەتئىي تۇرىدىغان بولسا ،سوت ھۆكۈم چىقىرىپ 3يىلدىن كېيىن ئىناۋەتلىك بولىدۇ.ئادەتتە كىشىلەر ئۈچ يىل ساقلىيالمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە برازىلىيىدە ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ ،ئىككىنچى قېتىم ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ،شۇڭا نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئەر ئايالغا تۇرمۇش ھەققى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇقۇش ھەققىنى  ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.ئايال تەرەپ مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈشىنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ .بىراق،ئاجراشقان ئايال ئەگەر باشقا بىرى بىلەن تۇرۇۋاتقان بولسا،ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ھەققى ۋە مال -مۈلۈكنى مۈلۈكنى بۆلۈشۈش ھەققى ئۆزلۈكىدىن بىكار قىلىنىدۇ .

     غەربىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.بىراق برازىلىيىدە توي قىلغاندىن كېيىنمۇ بىر نەچچە ئەۋلاد كىشى بىرگە تۇرىدۇ.ئەگەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بولسا،پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلار بىلەن بىر بىنادا ياكى بىر كوچىدا ئولتۇرۇپ ،ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىدۇ.،ئۇ شۇ ئائىلىنىڭ پۇل، مال-مۈلكىنى باشقۇرىدۇ ھەمدە چوڭ-كىچىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.ئاياللار ئائىلە باشلىقى بولىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا.ئەگەر شۇ ئائىلىدە ئائىلە باشلىقى بولغۇچى ئەر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا ،ئۇنىڭ ئوغلى ئائىلىنى باشقۇرىدۇ.ئادەتتە بۇنداق ئائىلىلەر ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدۇ،زىددىيەت ئىنتايىن ئاز بولىدۇ.

,
 
[ئالدىنقى بەت]_[كىيىنكى بەت ]  ھۆججەت جەمئى 4923 خەت 20000000خەت/بەت جەمئى 1بەت بۇ[ 1 ]- بەت تاللاش? 1 

[بۇ بەتنى تاقاش ]     [ئۈستىگە قايتىش]