13ياشلىق قىزنىڭ دۇنيانى خىجىل قىلغان ئاجايىپ تەسىرلىك نۇتقى
يوللىغۇچى:[مۇھەممەتجان قۇربان] يوللانغان ۋاقتى:[2012-1-28] مەنبە:[bbs.tiexue.net]



13ياشلىق قىزنىڭ دۇنيانى خىجىل قىلغان ئاجايىپ تەسىرلىك نۇتقى
سېۋېرننىڭ دادىسى كانادا ئېرسىيەت ئىلمى ۋە مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباب Dr. David Suzuki دوكتۇر ئىدى.ئۇ مۇھىت ئاسراشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى،ھەمدە بۇ جەھەتتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىدى.ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئىلغار يېتەكچى دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان.قىزى سېۋېرنمۇ دۇنيادىكى داڭلىق مۇھىت ئاسراش ئاۋانگارتىنىڭ بىرى.ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا نۇتۇق سۆزلەش،تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە يېزىقچىلىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن شوغۇللانغان.ئۇ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە بارلىقىنى ئاتىغان،ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشى تىكلەپ ،باسقان ھەربىر قەدىمىدە كەلگۈسىنى ئويلاشنى،ھەربىر كىشى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.
1992-يىلى،ئۇ 12يېشىدا برازىلىيىگە بېرىپ ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرشارى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان،ئۇ بۇ يىغىندا بەش مىنۇتلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن.دەسلەپتە كىشىلەر بۇ قىز چوقۇم باشقىلارغا ئوخشاش ۋاقىتنى ئالىدىغان زېرىكىشلىك نوتۇق سۆزلەيدۇ دەپ قارىغان.ئەمما ئۇنىڭ جاراڭلىق ئېيتىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ،نوپۇزلۇق شەخسلەر،ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان ،شۇنداقلا ھەممەيلەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن.تۆۋەندە ئۇنىڭ بۇ نۇتقىدىكى ئۈزۈندىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:



 


ياخشىمۇسىلەر!مېنىڭ ئىسمىم سېۋېرن،بالىلار مۇھىت ئاسراش توپىغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىمەكچىمەن.مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىم كېلەچىكىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.ئۈمىدسىز كېلەچەك ھەرگىز بىر قېتىملىق سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغاندەك ياكى پايچىكىدا زىيان تارتقاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس، مەن دۇنيادىكى ئاچلىقتىن زارلاۋاتقان بالىلارغا ۋاكالىتەن سۆزلىمەكچى،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسىنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق.مەن يەرشارىدىكى نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان سانسىزلىغان ھايۋاناتلارغا ۋاكالىتەن سۆزلىمەكچى،چۈنكى ئۇ بىچارىلەرنىڭ پاناھلانغۇدەك جايى يوق.مەن ھازىر ئاپتاپقا قاقلىنىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم،چۈنكى ئۇزۇن قاتلىمىدا تۆشۈك پەيدا بولۇپ قالدى.مەن ھەتتا تەبىئەتنىڭ ھاۋاسىدىن ئەركىن تىنىپ نەپەسمۇ ئالالمايدىغان بولۇپ قالدىم،چۈنكى مەن زىيانلىق خىمىيىۋى تەركىبلەرنى سۈمۈرۈۋېلىشتىن ئەنسىرەيمەن.بۇرۇن دادام بىلەن بىللە بېلىق تۇتقىلى باراتتۇق،لېكىن بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىز بېلىقلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىدۇق.ھازىر بىز كۈندە دېگۈدەك ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.ئۇلار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى...مەن بۇ ھاياتىمدا توپ-توپ بولۇپ يۈرگەن ياۋايى ھايۋاناتلارنى كۆرۈشنى،ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدىكى قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى،كېپىنەكلەرنىڭ ئەركىن قانات قېقىشلىرىنى تاماشا قىلىشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم.لېكىن ھازىر مەن بالىلىرىمنىڭ ئۇلارنىڭ سايىسىنى كۆرەلەيدىغان-كۆرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.سىلەر مەنچىلىك ۋاقتىڭلاردا بۇ ئىشلاردا ئەنسىرەپ يۈرمىگەن بولغىيتتىڭلار؟بۇ ئىشلار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.لېكىن بىز قارىماققا ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز.لېكىن سىلەر ئۇزۇن قاتلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىلەر.بېلىقلارغا پاكىز ۋە سۈزۈك ئېقىنلارنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيسىلەر.نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋاناتلارغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلالمايسىلەر!ئەگەر سىلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈدەك كۈچ-قۇدرىتىڭلار بولمىسا،ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئەمدى بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار! كۆپچىلىك ئۆزۈڭلارنىڭ بۈگۈنكى يىغىنغا نېمە مەقسەت بىلەن قاتنىشىۋاتقىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.دادام ماڭا:«ساڭا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى سېنىڭ سۆزۈڭ ئەمەس ،بەلكى سېنىڭ ھەرىكىتىڭ » دەپ تەلىم بېرىدۇ.چوڭلار ھەمىشە :«بىز سىلەرنى سۆيىمىز» دەيدۇ.مەن چوڭلارنىڭ گېپى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.,
 
[ئالدىنقى بەت]_[كىيىنكى بەت ]  ھۆججەت جەمئى 3601 خەت 20000000خەت/بەت جەمئى 1بەت بۇ[ 1 ]- بەت تاللاش? 1 

[بۇ بەتنى تاقاش ]     [ئۈستىگە قايتىش]  



بۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر