خېرىدار: ساپلا سۆڭەكلىك بولۇپ كەتتىغۇ بۇ گۆش، ئۇستام سەل تەڭشەپ ساتماملا !
قاسساپ: قوي دېگەننىڭكى سۆڭىكى بولمىسا ئۆرە تۇرمايدۇ . سۆڭەكسىز گۆشنىڭ تەمى بولمايدۇ. ئېلىۋەرسىلە تەقسىر .
باققال: قوغۇن-تاۋۇز بولاڭخۇي، لاۋزا بولسا پۇل ئالمايمەن.
خېرىدار: ماۋۇ قوغۇنلىرى كۇس چىقتى، تاۋۇزلىرى سوپۇندەك ئاق چىقتى قانداق قىلىمىز ؟
باققال: ئەمدى قايلىسىلا، قوغۇن-تاۋۇز دېگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمايدىكەن. بۇنى ياندۇرساق قانداق ساتىمىز؟
پىچىپ قوياپلا، يەۋەتسىلە، قورساق تويىدۇ، ئۇسسۇزلۇق قانىدۇ .
خېرىدار: بۇ سەۋزە-چامغۇرلار بەك ئۇششاق ئىكەن، ئەرزانراق بەرسىلە .
ئوتياشچى: قايلىسىلا، بەش بارماق دېگەن ئوخشاش بولمايدۇ، يەرنىڭ تېگىگە باش ئالىدىغان نەرسىكەن، ئەمدى قانداق قىلاتتۇق، سىلىمۇ ئۆي تۇتقان، بالا چوڭ قىلىپ باققان. ھەقىچان بالىلارنىڭ كىچىكلىرىنى ھەيدەپ چىقارمايدىغانلا .
خېرىدار: بۇ ياڭاقلىرى ساپلا سېسىق-پۈچەك چىقىپ قالدى. سىلى بەك داڭلاپ قىممەت ساتقانتىلە، بۇنى قانداق قىلارمىز؟
گۈلە-قاقچى: ئەمدى قانداق قىلىمىز دەيلا، بىزمۇ ئالىمىز، ياڭاقلىق بېغىمىز بولمىغاندىكىن. يا خەقتىن ئالغاندا سىتىغاسېلىپ تەكشۈرۈپ ئالغىلى بولمايدىكەن. بالىلار ئىچى پۇشقاندا يەر ياكى ئويناپ تۈگىتەر .
گىلەمچى: ماڭا قارسىلا ھاجىم، ماۋۇ خوتەننىڭ گىلەملىرى، بىر-ئىككى پارچە ئېلىپ ئۆيلىرىگە سېلىۋالماملا؟ پۇلىمۇ ئانچە ئۆرە ئەمەس .
خېرىدار: ئالارمىز ئالدىرىماي، بالىلارمۇ چوڭ بولىۋاتىدۇ، تويىنى قىلىدىغان چاغدا ئالارمەن، ھازىرچە قولۇم سەل قىسقا تۇرىدۇ، تۇرۇپ تۇراي.
گىلەمچى: ھاجىم ئۆزلىرىنى كەم سۇندۇرمىسىلا، بۇ گىلەملەر ئات-تۆگىگە كەلمەيدۇ. بىرەر-ئىككى مىڭ كوي دېگەن ئۇ يەردە قويسا بۇ يەردە يوق. بۇنداق گىلەملەر ھازىر ئى مۇئەللىملەرنىڭ ئۆيىدىمۇ بار جۇمۇ !
دۇكاندار: ئەجەپ قاتتىق سودا قىلىدىكەنلا، مۇئەللىم(خانىم) ئوخشىماملا ؟
خېرىدار: بۇ دېگەن بازار، دېگەنلىرىگە ئالساق بولامتى ئەمىسە، مۇئەللىم (خانىم) دېگەننى ئۇنداق پەس كۆرۇشمىسىلە جۇمۇ، ئوقۇتقۇچى، زىيالىيغا ئۆچ بولغاچ كۆرگەن كۈنىمىز مۇشۇنچىلىك.
دۇكاندار : كادىر خەق دېگەنغىغۇ گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايتتى...
ئاشخانا مۇلازىمى: ئاكىلار، لەغمەننى پۈتۈن ئەكىلەيمۇ-يېرىممۇ؟
شەھەرلىك مېھمانلار: ئۇكام بىزنى سەھرالىق كۆرۈپ قالمىغانلا، لەغمەننى پۈتۈن يەيدىغان؟ ئىككىمىزگە يېرىمدىن ئىككى ئاش، ئاش چىققۇچە بىر چىنىدىن سۆنتەڭ(لازا-ئاچچىقسۇ ۋە ئازراق قورۇما سۈيى قوشۇلغان ئاش سۈيى) ئەكەلسىلە .
ئاشخانا مۇلازىمى: (ياندىكى ئۈستەلدىكى يېزىلىق مېھمانلارغا) ھەر قايسىلىرىغىمۇ يېرىمدىن ئاش ئەكىلەمدىمەن؟
يېزىلىق مېھمانلار: يوقسۇ، ئاشنى پۈتۈن ئەكىلىۋېرىڭ، بىز شەھەرلىك ئەمەس، ئاشنى يېرىم يەپ، قورساقنىڭ چالىسىنى مەنتەڭ بىلەن تولدۇرىدىغان .
يولۇچى : بۇ جوڭبا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس تاماققا توختىغاندەك ھەر دوقمۇشتا بىر ئاش پىشىم توختاپ تۇرىۋالىدىكەن، قانداق گەپ-بۇ؟
شوپۇر: ۋاقىت توشقاندا، ئادەم تولغاندا ماڭىمىز. ئىشلىرى ئالدىراش بولسا تاكسىغا چىقسىلا، توختىماي چېپىپ تېز يەتكۈزۈپ قويىدۇ .
جوڭبا شوپۇرى: ۋە تاكسىچى، ماشىناڭنى بىر يانغا تارتمامسەن، جوڭبانى ئۆتكۈزىۋالاي.
تاكسى شوپۇرى: نەگە تارتىمەن؟ بۇ يولنى جوڭباغا مولاپ بەرمىگەن بولغىيتتى، سەن ئادەم توشۇۋاتقان بولساڭ مەنمۇ ئادەم توشۇۋاتىمەن، ئالدىمدىكى ماشىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
شوپۇر: ۋە ئادىشاۋوي، ھارۋاڭنى تارتمامسەن، ماشىنامنى ئۆتكۈزىۋالاي، مىڭ قېتىم سېگىنال بەرسەم خىيالىڭغا كەلمەي تۇرىسەنغۇ؟
ھارۋىكەش: نەگە تارتىمەن، يولنىڭ ھېچ يېرى بىكار بولمىسا، يوغان نەرسەڭ باركەن، ئالدىرىساڭ ئۇچۇپ ئۆت!
شوپۇر: ھەي پوجاڭ تۇماق سەھرالىق، بۇ دېگەن ماشىنا يولى، بازارغا كىرگەندە ھارۋاڭنى دەڭگە قويۇپ كىرسەڭ بولمامدۇ؟
ھارۋىكەش: بۇ ھارۋىدا ھەر قايسىلىرىدەك شەھەرلىك غوجاملارغا ئەكىرگەن ئوتياش-چۆنەك، قوغۇن-تاۋۇز، ئۆرۈك-شاپتۇل بار ئىدى. بازارغا يەتكۈزىۋالساق بولدى. دېھقان بازارغا بىر نەرسە ئەكىرمىسە ئاچ قېلىشالا ھەقىچان!
شوپۇر: قۇلىقىڭغا بىر نېمە كىرىپ قالدىمۇ؟ نەچچە قېتىم سېگىنال بەرسەم نېمانداق ماشىنامغا يول بەرمەيسەن، ئۆلۈكىڭنى ساتاي دەمسەن ، لاي سۇ ئىچكەن سەھرالىق .
پىيادە يولۇچى: ۋە گۇي، ماشىنام بار دەپ يوغان سۆزلىمە، بۇ دېگەن بازار يولى، ھەممىمىز ماڭىمىز، يامان بولساڭ بېسىۋەت، تويدۇم ھېچنېمىسى يوق بۇ جاندىن. كابىنكىغا چىقىۋالساڭ يولدىكى ئادەم قۇرت-قوڭغۇزدەك كۆرۈنۈۋاتامدۇ، شەيتىنىڭ كىچىك كۆرسەتمىسۇن، بىزمۇ ئادەم، دېھقان دېگەن يەرنىڭ خېنى جۇمۇ، چىدىمىساڭ چۈشۈپ ھەيدە سىيالكاڭنى ....
مەنبە:ۋارسىلار تورى .
,