
نۇرغۇن كىشى پەقەت يېمەكلىكلەرلا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش، تېرە ئاسراش بويۇملىرىمۇ سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بويۇملار تەركىبىدە خىمىيىۋى تەركىپ بولۇپ، ئىشلەتكەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا سەمىرىپ كېتىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، تەخمىنەن %70 چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا، ئەتىر سوپۇن ھەمدە گىرىم بۇيۇمى تەركىبىدە، فىتالىك كىسلاتا بولۇپ، بۇ خىل كىسلاتا ئىچكى ئاجراتمىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 330 بالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بويۇملار ھەمدە بىر قىسىم سۇلياۋ بوتۇلكىلار تەركىبىدە قوش فىنول A بىلەن فىتالىك كىسلاتاسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ خىل ماددىنىڭ سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا ئامال بار فىتالىك كىسلاتا قوشۇلمىغان تېرە ئاسراش ،يۇيۇش ھەم تۇرمۇش بويۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
,