تۇرمۇشتا يا ئۇنداق يا مۇنداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، ئەمما ھەربىر باسقۇچتىكى قىيىنچىلىقنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزىدە بەزىدە قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرلەشكە، بەزىدە قىيىنچىلىقنى ئۇنتۇشقا توغرا كېلىدۇ.
مۇنداق بىر ھېكايە بار: بىر قىتىملىق تۇرمۇش-سەنئەت لېكسىيە پائالىيىتىدە پىرافىسور سۇ قاچىلانغان بىر ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ ئولتۇرغانلاردىن سورايدۇ:
?nbsp; ئېيتىپ بېقىڭلار بۇ ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك؟
?50گرام،100گرام،125گرام...-كۆپچىلىك بەس-بەستا جاۋاب بەردى.
?nbsp; ئىستاكاننىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇنى بىرەر مىنۇت كۆتۈرۈپ تۇرسا ھارغىنلىق يەتمايدىغانلىقىمۇ ئېنىق،- دېدى پىرافىسور،- مەن دېمەكچى، ئەگەر بۇنى بىرقانچە مىنۇت كۆتۈرۈپ تۇرسا قانداق بولىدۇ؟
?nbsp; ھېچنىمە بولمايدۇ- كۆپچىلىك بىردەك جاۋاب بېرىشتى.
?nbsp; ئۇنداقتا بۇ ئىستاكاننى ئۇدا بىرقانچە سائەت كۆتۈرۈپ تۇرسىچۇ؟
?nbsp; بىلەك بىرئاز ئاغرىغاندەك بۇلىدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى بىرەيلەن.
?nbsp; توغرا ئېيتتىڭىز، ئەگەر بۇ ئىستاكاننى بىر كۈن كۆتۈرۈپ تۇرسىچۇ؟- دەپ سورىدى پىرافىسور داۋاملاشتۇرۇپ.
?nbsp; بېلەك ياغاچتەك قېتىپ قالىدۇ، ئاغرىيدۇ، ئېھتىمال دوختۇرخانىغا بېرىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن،-دېدى بىرەيلەن يۈرەكلىك ھالدا.
?nbsp; ياخشى! مەن ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ تۇرغاندا، ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى ئۆزگىرىپ تۇرامدۇ؟-دەپ سورىدى پىرافىسور.
تۆۋەندىكى ئولتۇرغانلار بىردەك«ياق» دەپ جاۋاب بەردى، پىرافىسور مۇنداق سوئال سوراپ كۆپچىلىكنى گۇمانىي نۇقتىغا يېتەكلىدى:
?nbsp; ئەمىسە ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ تۇرغاندا، بىلەك نىمىشقا ئاغرىيدۇ، نېمىشقا قېتىپ قالىدۇ؟ بېلەكنى ئاغرىمايدىغان قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟
?ناھايىتى ئاسان ئىستاكاننى قويۇپ قۇيۇش كېرەك- دەپ جاۋاب بەردى بىرەيلەن قىزىقچىلىق قىلىپ.
?nbsp; ئىنتايىن توغرا، بۇ ھەرگىزمۇ قىزىقچىلىق ئۈچۈن قىلىدىغان گەپ ئەمەس،- دېدى پىرافىسور،-ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر قۇلۇمدىكى ئىستاكانغا ئوخشايدۇ. بىز ئۇنى كۆڭلىمىزگە بىر قانچە مىنۇت قويۇپ قويساق ھېچ گەپ ئەمەس، ئەگەر ئۇزاققىچە تاشلىۋەتمەي، ئۇنتۇپ كەتمەي يۈرسەك يۈرىكىمىزنى زىدە قىلىشى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، روھىمىزنىمۇ چىرىتىپ، ھېچقانداق ئىش قىلالماس قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
تۇرمۇشتا بەزى قىينچىلىقلارنى ئىرادە بىلەن ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە،يەنە بەزى مۇھىم بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى يۈك قىلىۋىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ. بىر ئىستاكاننىڭ ئېغىر-يىنىكلىكى ھېچ گەپ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەسىرى بىزنى بىر ئۆمۈر قەد كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنداق قىيىنچىلىقنى ۋاقتىدىلا چۆرۈپ تاشلاش كېرەك.
,