
شيې تيېفېڭ ۋە جاڭ بوجې ئەر-خوتۇن
يېقىندا، ئاخبارات ۋاستىلىرى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى جاڭ بوجې تەيبېيدىن شياڭگاڭغا قايتىۋاتقان ئايروپىلاندا، چېن گۈەنشى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن، دەپ خەۋەر بەردى. بىراق جاڭ بوجې بۇ خەۋەرنى قاتتىق ئىنكار قىلدى. بىراق چېن گۈنشى مەلۇم بىر پائالىيەتتە مۇخبىرلار ئالدىدا بۇ ئىشنى ئېتراپ قىلدى. ئىككەيلەننىڭ ئىككى خىل پوزىتسىيەسى بولغان ئەھۋال ئاسىتدا بۇ ئىشنىڭ راسىت- يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. يېقىندا شياڭگاڭ«شەرق كۈندىلىك گېزىتى» خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى: «رەسىمگە چۈشۈش سەتچىلىكى» جاڭ بوجېنىڭ ئېرى بولغان شېي تېيفېڭنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى.ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ نىكاھىغا قىزىل چىراق يېقىلدى. نۆۋەتتە ئىككەيلەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
شېي تېېفىڭنىڭ دادىسى شېي شېڭ جېجياڭدا مەلۇم پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئوغلى بىلەن كىلىنى ئوتتۇرىسىدىكى ھىسيات ئۆزگىرىشىنى ئىنكار قىلدى.ۋە شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاسىتلىرىنى تىللىدى. ئۇ جاڭ بوجېنى ياخشى كىلىن دەپ ماختىدى. تۈنۈگۈن مەلۇم بىر تور بەت ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: مەلۇم بىر كۆڭۈل ئېچىش شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: شېي تېيفېڭ ئەر-ئايال ئىككەيلەن«رەسىم سەتچىلىكى»دىن بۇرۇنلا
ئاجرىشىپ كەتكەن. تۈنۈگۈن مۇخبىر بۇ ئىشنى تېلېگرامما ئارقىلىق جاڭ بوجېنىڭ ۋاستىچىسىدىن سورىغاندا، ۋاسىتىچىسى ئەمىلى ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
,