ئۇلۇنىش تورى [www.ulunix.com]


شىنجاڭ ج خ ئورگىنى 525 نەپەر سەرگەردان بالىنى قۇتۇلدۇردى
يوللىغۇچى:[مۇھەممەتجان قۇربان] يوللانغان ۋاقتى:[2011-12-5] مەنبە:[ياشىن تورى]



شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى 525 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىنى قۇتۇلدۇرىۋالدى

 

      12-ئاينىڭ2-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ، ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تېلىۋىزىيە تېلىفونلۇق يېغىنىدىن ئېگىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى كونتىرول قىلىۋالغان جىنايەت توپىدىن 56 نى پاش قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 415 نەپەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، 525 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىنى قۇتۇلدۇرىۋالغان، خەلق ئىشلار تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىدىن 369 نەپەرنى قايتۇرۇپ كىلىنگەن، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە ھەرىكەت ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

ئىگېلىشىمىزچە، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكوم، خەلق ھۆكىمىتى قاتارلىق ئورگانلار قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ، ئاسراش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، كۆپ خىل ئامال-چارىلەرنى ئىشلىتىپ، بالىلارنى ئالداپ، قايمىقتۇرۇش قىلمىشلىرىغا كۆپ قىتىم زەربە بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشى كۆرۈنەرلىك ئازايغان، بۇ ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدالغان. لېكىن، رايۇنىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ مەسىلىسى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر.

ئاپتونۇم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكۇم، سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاپپار ھەبىبۇللا يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى، ھەرقايسى رايۇن، ھەر قايسى تارماقلار گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭىنىڭ《قۇرامىغ?يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى》ۋ?رايۇنىمىزنىڭ 《قۇرامىغ?يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ئاسراش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى?نى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ، تۆۋەندىكى 6 تۈرلۈك خىزمەتنى نوقتىلىق تۇتىشى كېرەك: قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ئاسراش خىزمىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بىرىشى، بارلىق قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش؛ ئاكتىپلىق بىلەن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنىڭ كۈچىنى زورايتىش، داۋاملىق قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ مائارىپ ئارقىلىق تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، تۈرلەرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يۇرتقا قايتىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتىشىغا ياردەم بېرىش؛ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك تەدبىر تۈزۈپ چىقىش.

يېغىندا يەنە، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلار ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق 6 ئورۇننىڭ مەسئۇل خادىملىرىمۇ سۆز قىلدى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايۇنلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئۆز رايۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

,
 
[ئالدىنقى بەت]_[كىيىنكى بەت ]  ھۆججەت جەمئى 3180 خەت 20000000خەت/بەت جەمئى 1بەت بۇ[ 1 ]- بەت تاللاش? 1 

[بۇ بەتنى تاقاش ]     [ئۈستىگە قايتىش]