|
200 دىن ئارتۇق يول ئاسراش ئىشچىسى كېچىدە چىراق نۇرىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا
3-دېكابىردىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تۆشۈكتام ( ساڭفاڭگۇ ) يولىنىڭ بىر بۆلىكىدىكى ( چىڭفېڭ يولى يول ئېغىزىدىن 68 -باشلانغۇچ مەكتەپكىچە) تۆت كىلومېتىرغا يېقىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قوش يۆنىلىشتە پىيادىلەر يولى ياتقۇزۇلۇپ بولىدىكەن.
25-نويابىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش مەركىزى، شەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش مەركىزى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلەرنى ئاسراش باشقارمىسى قاتارلىق ئۈچ ئاساسىي قاتلام ئورۇن بىرلىكتە تۆشۈكتام جەنۇبىي يولىدا يوللارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ خىزمەت 3- دېكابىر ئاياغلىشىدىكەن.
تۈزەشتە، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلەرنى ئاسراش باشقارمىسى چىڭفېڭ يولىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 68-باشلانغۇچ مەكتەپكىچە تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۈزلەپ، 8000 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى يول بۆلىكىنى ۋاقىتلىق پىيادىلەر يولى قىلىپ ياساپ چىقىدىكەن.
بۇلتۇر1 - ئاينىڭ 1 -كۈنىدىن باشلاپ، مەركىزىي شەھەردە ‹?يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېرىم كېچىدە يول يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىش ›?تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ سەھەر سائەت 8 دىن كەچ سائەت 22 گىچە شەھەرگە كىرىشى مەنئىي قىلىنغان.يول يۈرۈش چەكلەنگەن مەزگىلدە، مۇۋاپىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تېپىلمىغاچقا، قىسمەن شوپۇرلار يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تۆشۈكتام يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يولغا ئۆز مەيلىچە توختىتىپ، يول يۈزىنى بۇزۇۋېتىش بىلەن بىرگە، يولنىڭ راۋانلىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
تۆشۈكتام يولى دۆلەت يولى 216 -لىنىيەگە تەۋە بولۇپ، شەھەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت يولىنىڭ ئەتراپىغا يۈك مەيدانلىرى مەركەزلىشىپ، يول توسۇلۇش مەسىلىسى كۈندىن - كۈنگە گەۋدىلىك بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىيادىلەر يولى بولمىغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولغان.
بۇ قېتىمقى ئۇنىۋېرسال تۈزەش يەنە يول بويىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش ۋە يول يۈزىنى تەكشىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەۋەلىك رايوندىكى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى خادىملار يول بويىدىكى كۆچمە يايمىچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش مەركىزى يەنە يول مەمۇرىيىتى خادىملىرىنى يۈكى ئارتىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، قالايمىقان توختىتىلغان ئاپتوموبىللارنى جازالايدىكەن. نۆۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار نەق مەيداندىن قائىدىگە خىلاپ توختىتىلغان 24 ئاپتوموبىلنى سۆرەپ ئېلىپ كەتكەن.
25-نويابىردىن باشلاپ، يول ئاسراش ئىشچىلىرى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغان. شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ يول بىلەن بالىلار مەكتەپتە بارىدۇ، پىيادىلەر يولى بولسا، بىزمۇ خاتىرجەم بولىدىكەنمىز. |