مەنبە: news.xinhuanet.com

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كامبودژانىڭ كاندال ئۆلكىسىدىكى بىر كەنتتە ئالدىنقى كۈنى بىر مەيدان ئالاھىدە مۇراسىم: ئىككى يىلان ئۈچۈن باشقىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، نەچچە يۈز كەنت ئاھالىسى توي مۇراسىمىغا يىغىلىپ، ئۇزۇنلىقى 4.8 مېتىر، ئېغىرلىقى 90 كىلوگىرام بولغان چىشى بوغما يىلان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى كىچكرەك بوغما يىلان بىلەن بولغان تويىغا گۇۋاھچى بولدى.
شۇ جايدىكى رەم سالغۇچى بوغما يىلاننى كەنتكە ئامەت ئېلىپ كەلگۈچى يىلان ئىلاھى دەپ قارايدۇ. بوغما يىلاننىڭ ئىگىسى مۇنداق دېدى: «بىز يامان ئىشلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، كەنتكە ئامەت ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بوغما يىلانغا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردۇق».
بۇ توي مۇراسىمى ئىككى سائەت داۋاملاشتى، مۇراسىمدا كىشىلەر يىلانلارغا بەخت تىلىدى.
بۇ جايدىكى كىشىلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار روھ ۋە ھەر خىل ھاياتلىقلارغا ئىشىنىدۇ.
,